فېڭگاۋسۇ 10-48-10 سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇت
ئومۇمىي تەركىبى
f 68 ((N :%10، P 2 O 5:48، K 2 O :%10)) Zn+B :%0.2 (Zn!%0.1، B%0.1) مۇرەككەپ بىئولوگىيىلىك ئېنزىم: %1.5
ئۆلچىمى
20كىلوگرام/خالتا
ئىشلىتىش دائىرىسى
كېۋەز، بۇغداي، كۆممىقوناق، كۆكتات، گۈل-گىياھ، مېۋىلىك دەرەخ، مېۋە-چېۋە قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەر.
مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى
A. بۇ مەھسۇلات يۇقىرى فوسفورلۇق ئوغۇت مەھسۇلاتى بولۇپ، ئاساسلىقى فوسفور كەمچىل زىرائەتلەرنىڭ گۈل بىخلىرىنى پەرقلەندۈرۈش مەزگىلىدىن ياش مېۋىلەرنىڭ شەكىللىنىش مەزگىلىگىچە ئىشلىتىلىدۇ، ئۇنىڭ چېچەك ۋە مېۋىنى ساقلاش رولى ناھايىتى ياخشى بولۇپ، چېچەك ۋە مېۋىنىڭ تۆكۈلۈشىنى كۆرۈنەرلىك ئازايتىپ، مېۋە تۇتۇش نىسبىتىنى يۇقىرى كۆتۈرىدۇ.
B. ئالاھىدە قوشۇلغان مۇرەككەپ بىيولوگىيەلىك ئېنزىم-QSDA تۇپراقنى ياخشىلاش، يىلتىز تارتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئوزۇقلۇقنى ئاسان قوبۇل قىلىش، تېز ئۈنۈم بېرىش ۋە ئۇزاق ئۈنۈم بېرىش، ناچار شارائىتقا تاقابىل تۇرۇش ئىقتىدارىنى كۈچەيتىش، يەر ئىشلىتىش بىلەن يەر بېقىشنى ئايرىماسلىق، زىرائەتتىن ئۇدا مول ھوسۇل ئېلىش قاتارلىق ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە بولۇپ، مەھسۇلات مىقدارىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، سۈپىتىنى زور دەرىجىدە ياخشىلايدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى ۋە ئىشلىتىش مىقدارى: قوشۇمچە ئوغۇتلاش، چايقاپ سۇغىرىش، تېمىتىپ سۇغىرىشقا بولىدۇ
● زىرائەتلەرنىڭ ئۆسۈپ يېتىلىشىنىڭ ئوتتۇرا ۋە ئاخىرقى مەزگىللىرىگە ماس كېلىدۇ، قوشۇمچە ئوغۇتلاش، تېمىتىپ سۇغىرىش، ھەر موسىغا 3-6 كىلوگرامغىچە ئىشلىتىشكە بولىدۇ؛
● ئوخشاش بولمىغان تۇپراق ئۈنۈمدارلىقى، زىرائەت تېرىش ۋە ئۆسۈش مەزگىلىگە ئاساسەن ئىشلىتىش مىقدارىنى مۇۋاپىق كۆپەيتىش ياكى ئازايتىش ياكى تېخنىكلارنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
A. ئوغۇت ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزۈشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئىشقارلىق مەھسۇلاتلار بىلەن ئارىلاشتۇرۇپ ئىشلىتىشتىن ساقلىنىش كېرەك.
B. بۇ مەھسۇلاتنىڭ ئاغزىنى ئاچقاندىن كېيىن ئېشىپ قالغانلىرىنى قايتىدىن خالتا بىلەن چىڭ باغلاپ، يېمەكلىك ۋە بالىلاردىن يىراق ساقلاش كېرەك.
C. ھىملاپ سالقىن، قۇرغاق، كۈن نۇرىدىن ساقلىنىدىغان جايدا ساقلاش، نەملىشىپ قېلىشتىن ساقلىنىش كېرەك، ئەگەر كاللەكلىشىپ قالسا ئوغۇت ئۈنۈمىگە تەسىر يەتكۈزمەيدۇ.
-
فېڭگاۋسۇ 21-21-21سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت
2023-07-29 -
فېڭگاۋسۇ 10-48-10 سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇت
2023-07-29 -
فېڭگاۋسۇ 41-6-13سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت
2023-07-29 -
فېڭگاۋسۇ 27-8-17سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت
2023-07-29 -
شىبېيفېڭ 10-48-10سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت
2023-07-29 -
شىبېيفېڭ 41-6-13سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت
2023-07-29 -
شىبېيفېڭ 27-8-17سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت
2023-07-29 -
شىبېيفېڭ 18-18-18 سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت
2023-07-29