شىدوبېي 1000گىراملىق ئورگانىك سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت (قويۇلدۇرۇلغان تىپى)
ئومۇمىي تەركىبى
ئورگانىك ماددا ` 100 g / L (قوشۇش:ئامىنو كىسلاتاسى+خۇمىك كىسلاتا+ئوتتۇرا، مىكرو ئېلېمېنتلار+بىيولوگىيەلىك ئېنزىم)
ئۆلچىمى
1000گىرام/بوتۇلكا
ئىشلىتىش دائىرىسى
كۆكتات، مېۋە-چېۋە، گۈل-گىياھ، مېۋىلىك دەرەخ قاتارلىق ئىقتىسادىي زىرائەتلەرنى ھەر قايسى ئۆسۈش مەزگىللىرىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
مەھسۇلات ئالاھىدىلىكى
تۇپراقنى ياخشىلاپ، يىلتىز تارتقۇزۇپ، ساغلام ئۆسۈملۈك تۈپىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، چېچەك، مىۋە سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، مەھسۇلاتنى ئاشۇرىدۇ
بۇ مەھسۇلات يۇقىرى سۈپەتلىك، تولۇق ئوزۇقلۇق قىممىتى يۇقىرى، ئاكتىپچانلىقى يۇقىرى، يۇقىرى مودېللىق ئېكولوگىيىلىك ئورگانىك سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت بولۇپ، ئۇ ئىلغار بىئولوگىيىلىك ئېچىتىش خىلىت تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، ئېچىتىلغاندىن كېيىن قويۇقلاشتۇرۇلغان. تەركىبىدە سۇدا ئېرىشچان ئورگانىك ماددا، ئامىنو كىسلاتاسى، خۇمىك كىسلاتاسى، ئۆسۈملۈك ئاقسىلى، بىيولوگىيەلىك ئازوت، فوسفور، كالىي، باكتېرىيە ئاقسىلى، ئوتتۇرا، مىكرو ئېلېمېنتلار، ئاسپاراگىت كىسلاتاسى، قەنت، ۋىتامىن ۋە كۆپ خىل بىيولوگىيەلىك ئېنزىم قاتارلىق ئوزۇقلۇق ماددىلار مول بولۇپ، ئوزۇقلۇق قىممىتى ئومۇميۈزلۈك، چوڭ، ئوتتۇرا، مىكرو ئېلېمېنتلار مول، سۈمۈرۈلۈش ۋە ئايلىنىش سۈرئىتى تېز، زىرائەتلەرنىڭ ئوزۇقلۇقىنى بىۋاسىتە تولۇقلىيالايدىغان ئەلا سۈپەتلىك ئورگانىك سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت ھېسابلىنىدۇ. زىرائەتلەرنى ئەتراپلىق، تەڭپۇڭ ئوزۇقلۇق بىلەن تەمىنلەيدۇ، ئۆسۈش مەزگىلىدە ئىشلىتىشكە بولىدۇ.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
ھەر قېتىمدا 1-2كىلوگرامغىچە سۇغارغاندا مايسا مەزگىلىنىڭ يېرىمى كېمەيتىلىدۇ.
يوپۇرماق يۈزىگە پۈركۈش: سۇ بىلەن 800-1000ھەسسە سۇيۇلدۇرۇپ، تەكشى پۈركۈش كېرەك، ھەر قېتىملىق پۈركۈش ئارىلىقى 7كۈندىن 10كۈنگىچە بولىدۇ.
ئوغۇتنىڭ كونكرېت مىقدارى، قېتىم سانىنى ئوخشاش بولمىغان زىرائەت، تۇپراققا قاراپ تەڭشەش ياكى ئاگرونومنىڭ يېتەكچىلىكىدە ئىشلىتىش كېرەك.
دىققەت قىلىدىغان ئىشلار
مەھسۇلاتلارنى توشۇش ۋە ساقلاش جەريانىدا نەملىكتىن، ئاپتاپتىن، يېرىلىپ كېتىشتىن ساقلىنىش كېرەك؛
يېمەڭ، بالىلار ئاسان ئۇچرىمايدىغان جايلارغا قويۇپ قويۇڭ
بۇ مەھسۇلاتتا ئەگەر تومپىيىپ چىقىش، چۆكمە بولۇپ قېلىش قاتارلىق ئەھۋاللار كۆرۈلسە، نورمال ھادىسە ھېسابلىنىدۇ، ئىشلىتىشكە تەسىر يەتمەيدۇ.
-
فېڭگاۋسۇ 21-21-21سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت
2023-07-29 -
فېڭگاۋسۇ 10-48-10 سۇدا ئېرىيدىغان ئوغۇت
2023-07-29 -
فېڭگاۋسۇ 41-6-13سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت
2023-07-29 -
فېڭگاۋسۇ 27-8-17سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت
2023-07-29 -
شىبېيفېڭ 10-48-10سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت
2023-07-29 -
شىبېيفېڭ 41-6-13سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت
2023-07-29 -
شىبېيفېڭ 27-8-17سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت
2023-07-29 -
شىبېيفېڭ 18-18-18 سۇدا ئېرىشچان ئوغۇت
2023-07-29